ئەردوغان ئېلون ماسكنىڭ تېكنوفېست توغرىسىدىكى ئۇچۇرىغا ئىنكاس قايتۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كېلەر يىلى ئاۋىياتسىيە، ئالەم بوشلۇقى ۋە پەن - تېخنىكا بايرىمى — تېكنوفېستقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان تېسلا ۋە SpaceX شىركەتلىرىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسكنىڭ ئۇچۇرىغا ئىنكاس قايتۇردى.

2044338
ئەردوغان ئېلون ماسكنىڭ تېكنوفېست توغرىسىدىكى ئۇچۇرىغا ئىنكاس قايتۇردى
elon musk teknofest.jpg
erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كېلەر يىلى ئاۋىياتسىيە، ئالەم بوشلۇقى ۋە پەن - تېخنىكا بايرىمى — تېكنوفېستقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان تېسلا ۋە SpaceX شىركەتلىرىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسكقا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «كېلەر يىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم بوشلۇقى ۋە پەن - تېخنىكا بايرىمى — تېكنوفېستتا سېنى كۆرۈشتىن چەكسىز خۇشاللىق ھېس قىلىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئېلون ماسكنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى <X>  تىكى ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ھۆرمەتلىك ئېلون ماسك، كېلەر يىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم بوشلۇقى ۋە پەن - تېخنىكا بايرىمى — تېكنوفېستتا سېنى كۆرۈشتىن چەكسىز خۇشاللىق ھېس قىلىمىز.  ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش تونۇشى ئاساسىدا ئورنىتىدىغان ھەمكارلىقلىرىمىز بىلەن دۆلىتىمىز ۋە ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن ساھەدە زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمەن...» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ماسك ئۇچۇرىدا ئۆزىنى تېكنوفېستقا تەكلىپ قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتىپ: «مەن كېلەر يىلى تېكنوفېستقا بىۋاسىتە قاتنىشىپ، تۈركىيەدىكى مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىمەن» دېدىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر