تۈركىيە ئارمىيەسى پرەۋەزە دېڭىز غەلىبىسىگە بېغىشلاپ مەخسۇس قىسقا فىلىم تەييارلىدى

تۈركىيە ئارمىيەسى27- سېنتەبىر پرەۋەزە دېڭىز غەلىبىسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى بايرىمىغا بېغىشلاپ مەخسۇس قىسقا فىلىم تەييارلىدى.

2043363
تۈركىيە ئارمىيەسى پرەۋەزە دېڭىز غەلىبىسىگە بېغىشلاپ مەخسۇس قىسقا فىلىم تەييارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلەنگەن قىسقا فىلىمدە، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقىنىڭ مانېۋىر كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقى قارمىقىدىكى TCG Anadolu، TCG Büyükada، دېڭىز چارلاش ئايروپىلانى، سۇ ئاستى پاراخوتى، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭمۇ كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن مەزكۇر قىسقا فىلىمدە: «پرەۋەزە دېڭىز غەلىبىسىنىڭ 485 – خاتىرە يىلى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى بايرىمى مۇبارەك بولسۇن. تۈرك دېڭىز قىسىملىرى بۇنىڭدىن 485 يىل بۇرۇن دېڭىزدىكى غەلىبىسى بىلەن قۇدرىتىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان بولسا، ھازىرمۇ بىزنىڭ دېڭىزدىكى ھوقۇق، ئالاقە ۋە مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، قورقماستىن قەھرىمانلىق بىلەن ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر