ئەردوغان: تۈركىيە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

2042693
ئەردوغان: تۈركىيە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى؛ ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز نۆۋەتتە يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئۆزى قۇرغان كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرگە تايىنىپ قەد كۆتۈرۈۋاتقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيەنىڭ ھەر بىر جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە سۇپىدا يەر شارىنىڭ كونا ھالىتى بىلەن دوقۇرۇشۇپ تەبىئىي... لېكىن، مەيلى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ياكى رەقىبلىرىمىز بولسۇن، بارلىق دۆلەتلەر قوبۇل قىلغان، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر ھەقىقەت بار؛ بۇ ھەقىقەت شۇكى، بىزنىڭ يىراق – يېقىن پۈتكۈل جۇغراپىيىمىزدە تۈركىيەسىز ھېچقانداق تۈرنى يولغا قويغىلى بولمايدۇ، ئۇرۇنۇپ بېقىلغان تەقدىردىمۇ ئۇتۇق قازىنالمايدۇ. بىزبۇنىڭ سانسىزلىغان مىساللىرىنى، ئۇرۇنۇشلىرىنى، سان - ساناقسىز نىيەتلىرىنى كۆردۇق، باشتىن كەچۈردۇق. نەتىجىدە، بۇ ئۇرۇنۇشلارنى قىلىپ كۆرگەنلەر ئاخىرىدا كېلىپ، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا، تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر