ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئائىت قورال – ياراغ ۋە ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت قورال - ياراغ ۋە ئوق-دورىلار قولغا چۈشۈرۈلدى.
2041229
![ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئائىت قورال – ياراغ ۋە ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a4bf/9875/4bbb/650ea9d6ca491.jpg?time=1719240025)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. قەھرىمان قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئائىت قورال - ياراغ ۋە ئوق – دورىلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، پاراقلاپ تاشلىدى.»
باياناتتا قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلار توغرىسىدا مەلۇماتمۇ بېرىلدى.