ئەردوغان: ب د ت يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى.

2040755
ئەردوغان: ب د ت يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە ژۇرنالىستلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان سۆھبەت داۋامىدا مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا، كېڭەشكە قىلغان خىتابىمىزدا، ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدىم. جۈملىدىن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا موھىم بولغان خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتا تۈركىيەنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.»

ژۇرنالىستلارنىڭ: «ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىڭىزدا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى مەسىلىلىرى كۈنتەرتىپكە كەلدىمۇ؟ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا قانداق سىگنال بەردىڭىز؟ نېتانياھۇ تۈركىيەنى زىيارەت قىلماقچى ئىدى، ئەمما ئۇ ئاغرىپ قالغاچقا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولالمىدى. ئۇنىڭ تۈركىيە زىيارىتى مەسىلىسىدە ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىلدىمۇ؟»  دېگەن سوئالىغا، ئەردوغان مۇنداق جاۋاب بەردى:

«نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سىلەرمۇ ئېيتقاندەك نېتانياھۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆز ۋاقتىدا تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلەلمىدى، مەن ئۇنىڭغا: <ئالدى بىلەن سىز زىيارەتكە كېلىڭ، ئاندىن مەن ئەترىتىم بىلەن ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىمەن> دېدىم. يەنى بۇ ھەقتە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق.  خۇدايىم بۇيرۇسا، پات يېقىندا بۇ زىيارەتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىسرائىلىيە بىلەن ئېنېرگىيە بۇرغىلاش خىزمىتىنى باشلايمىز. جۈملىدىن بىز ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى تۈركىيەگىلا ئەمەس، تۈركىيەدىن ياۋروپاغا يەتكۈزۈش خىزمىتىنىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرىمىز.»

ئەردوغان بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ تۈركىيەنى ئوخشىمىغان ساھەلەردە تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:  

«نېتانياھۇ بىلەن بۇ جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىمىز توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. نېتانياھۇغا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمىزمۇ ئورۇن ئالىدىغان بىر مېخانىزم ئورنىتىشنىڭ پايدىسىنى چۈشەندۈردۇق.. ئېنېرگىيە، ساياھەت ۋە تېخنولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىش ئۈچۈن، ھەر ئىككى دۆلەت ئورتاق خىزمەت ئىشلىشى مۇمكىن.»

مۇخبىرلارنىڭ : «گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكس بىلەن كۆرۈشتىڭىز. مىچوتاكس سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىشتىن بۇرۇن سېلانىك مۇنبىرى يىغىنىدا تۈركىيە بىلەن يېڭى دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىڭىزنىڭ تەپسىلاتى  ھەققىدە مەلۇمات بېرەلەمسىز؟ بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا قانداق سىگنال بەردىڭىز؟»  دېگەن سوئالىغا، ئەردوغان مۇنداق جاۋاب بەردى:

«نىشانىمىز ئەگە دېڭىزىدىكى سۈركىلىشنى پەسەيتىشتۇر. مىچوتاكسنىڭ قارىشىمۇ شۇنداق، ئەلۋەتتە. ئەمما بىز ئۈچۈن ھازىر ئەڭ مۇھىم قەدەم سېلانىكتىكى باشلىقلار يىغىنى بولىدۇ. سېلانىك باشلىقلار يىغىنى ھازىر تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىمىز تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 7 – دېكابىر كۈنى سېلانىكتە باشلىقلار يىغىنىنى چاقىرىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇ باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.»

مۇخبىرلارنىڭ : «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردىڭىز. چاقىرىقىڭىزنىڭ تەسىرى زور بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا يول خەرىتىسى قانداق بولىدۇ؟»  دېگەن سوئالىغا، ئەردوغان مۇنداق جاۋاب بەردى:

«شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشىدىغان بىردىنبىر ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك قەدەمدۇر. بىز باشقا تاللاشلارنى قوبۇل قىلمايمىز. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن كاپالەتچى دۆلەت ھوقۇقى دائىرىسىدە ئاداققىچە قوغدايمىز. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە كىرىشى بىلەن ئېچىلغان ئىشىكنىڭ داۋاملىق ئېچىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارقىمۇئارقا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشى شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر