مىنىستىر فىدان نيۇ يوركتا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلرىنى داۋاملاشتۇردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

2040297
مىنىستىر فىدان نيۇ يوركتا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلرىنى داۋاملاشتۇردى
hakan fidan-iit.jpg
ab komiseri ylva johansson-fidan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان نيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئىشلارغا مەسئۇل ئەزاسى يىلۋا جوھانسون بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ نيۇ يوركتىكى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «مىنىستىرىمىز خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە، نيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئىشلار كومىسسارى يىلۋا جوھانسون بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا تۈركىيە پۇقرالىرىلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىدە ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش ھوقۇقى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، خاقان فىداننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنىغا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر