سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2039959
![سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/923f/2466/accd/650aacc0c5635.jpg?time=1719200758)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، تېررورچىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەشەببۇسلىرىنىڭ جاۋابسىز قالمىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ھۇزۇر ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنى بۇزۇش مەقسىتىدە تاجاۋۇزچىلىق تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى بەش تېررورچى قەھرىمان قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»