مىنىستىر فىداننىڭ قازاقىستان زىيارىتى داۋام قىلماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قازاقىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇرات نۇرتىلېئۇنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە قازاقىستانغا يېتىپ باردى.

2035717
مىنىستىر فىداننىڭ قازاقىستان زىيارىتى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان قازاقىستاندىكى زىيارىتى دائىرىسىدە تۇنجى بولۇپ نۇرتىلېئۇ بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇچرىشىشتا، رايونلۇق مەسىلىلەر، سودا ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر شۇنداقلا خەلقئارا ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

مىنىستىر فىدان يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، قازاقىستان بىلەن بولغان سودا مىقدارىنىڭ يىلدىن- يىلغا ئاشقان ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:«بىز قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئورۇنغا ئىگىمىز. بىز قازاقىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايمىز» دېدى.

مىنىستىر فىدان يەنە ئۆزلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئورتاق دۈشنىمىز فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. خائىن تەشكىلاتقا ئالاقىدار ھەر قانداق ياردەمنى بېرىشكە تەييارمىز. ھەممىمىز بىرلىكتە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىداننىڭ زىيارەت دائىرىسىدە قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

زىيارەت دائىرىسىدە، تۈركىيە – قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە رايون ۋە خەلقئارا سەھنىدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر