ئەردوغان: پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزگە پۈتكۈل دۇنيانىڭ يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىگە ئىشىنىمەن

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق دېدى: «مەن پۈتۈن دۇنيانىڭ (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سوچىدىكى) بۇ ئۇچرىشىشقا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

2033562
ئەردوغان: پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزگە پۈتكۈل دۇنيانىڭ يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىگە ئىشىنىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا چاقىرىلغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن، تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىدى.

تۈركىيەگە خىزمەت قىلىش ۋە يېڭىلىقلارنى يارىتىش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشتۇرۇلغان يەنە بىر ئاينىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان، ئالدىنقى كۈنى سوچىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە مول مەزمۇنلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «پۈتكۈل دۇنيانىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان، ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتكە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ: «مەيلى رايون ياكى رايون سىرتىدىكى كۈچلەر بولسۇن، 1000 يىللىق، 1500 يىللىق دېموگرافىك ھەقىقەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ رايوندا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى يوقلۇقىدىن ئىبارەت تارىخىي ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماسلىقى، بۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، كېلەچەكتە ھەم ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرى ھەمدە رايوننىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، يېقىندىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەندىشە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر