پۇتىن ئەردوغانغا «ئەردوغان» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تەقدىم قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا «ئەردوغان» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تەقدىم قىلدى.

2033031
پۇتىن ئەردوغانغا «ئەردوغان» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تەقدىم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «TASS» قا بەرگەن باياناتىدا، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا «ئەردوغان» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تەقدىم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم رۇسىيەلىك ژۇرنالىست ۋە رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «TASS» نىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مىخايىل گۇسمان  تەرىپىدىن TASS ۋە Rossiya-24 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىشلەنگەن.

ئىلگىرى ئەردوغان بىلەن تۆت قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن گۇسمان تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت بۆلەكلىرى بىلەن بىرلىكتە «فورمۇلا ۋلاستى (ھاكىمىيەت فورمۇلاسى)» ناملىق پىروگراممىسى دائىرىسىدە تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىمدە، ئەردوغاننىڭ بالىلىق دەۋرىدىن بۇيانقى ھاياتى، سىياسەت ساھەسىدە قەد كۆتۈرۈشى، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردىكى خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېقىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغان «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن» ناملىق كىتابىدىنمۇ مۇھىم بايانلار نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئەردوغاننىڭ كۆز قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى « Rossiya-24» تە تارقىتىلغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 6-ئايدا تۈركىيەنىڭ موسكۋا ئەلچىخانىسىدا قويۇلغانىدى.

رۇسىيەلىك ژۇرنالىست گۇسمان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كاتتا سىياسىيون ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق  دېگەنىدى:

«تۈركىيە مۇشۇنداق بىر رەھبەرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى بەختلىك دۆلەت. ئەردوغان كاتتا سىياسىيونلا ئەمەس، تالانتلىق ئەرباب، مىسلىسىز جاسارەتلىك زات. ئۇ زامانىۋى دۇنيانى چۈشىنىدىغان ئىنتايىن يۇقىرى مەلۇماتلىق، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە سىياسىي ئانالىزچى. بۈگۈنكى كۈندە يېگانە رەھبەر ئەردوغاننىڭ مىسلىسىز رولى پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر