ئەردوغان خاتايدا 40 مىڭ 400 مۇستەقىل ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس  رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6-فېۋرال قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خاتايدا، جەمئىي 40 مىڭ 400 مۇستەقىل ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2032501
ئەردوغان خاتايدا 40 مىڭ 400 مۇستەقىل ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس  ئەردوغان خاتاي شەھەر قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ كوللېكتىپ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىن ئارقىلىق قاتناشتى ۋە يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىرادىسىنڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، پۇقرالارنىڭ بالدۇرراق دائىمىي تۇرالغۇسىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان تېخى يېقىندىلا قاھرامانماراش ۋە ئادىياماندا مىڭلىغان ئۆينىڭ ئۇلىنىڭ سېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خاتايدىكى قېرىنداشلىرى بىلەنمۇ ئوخشاش خۇشاللىقتا بىللە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئەردوغان خاتايدا 254 مىڭ 195 ئۆينىڭ يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھازىر خاتايدا 32 مىڭ 600 تۇرالغۇ، 7800 يېزا ئۆيى ۋە ئامبارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 40 مىڭ 400 مۇستەقىل ئۆي قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا. بۈگۈن بىز بۇلارغا يېڭىلىرىنى قوشۇۋاتىمىز. جەمئىي 5 مىڭ مۇستەقىل ئۆينىڭ ئۇلىنى سېلىۋاتىمىز. بۈگۈن ئۇل سالغان بۇ لايىھەلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، خاتاي شەھەر مەيدانى ۋە شەھەر مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭمۇ تۇنجى قەدىمىنى تاشلىدۇق» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس  ئەردوغان خاتاي ئايرودورومى لايىھەسىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر