ئەردوغاننىڭ سىنتەبىردىكى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى ئىنتايىن قويۇق بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىنتەبىردە قويۇق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.

2032282
ئەردوغاننىڭ سىنتەبىردىكى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى ئىنتايىن قويۇق بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەردوغاننىڭ بىرىنچى بېكىتى رۇسىيە بولىدۇ، ئەردوغان 4-سېنتەبىردە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدا ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى 17-ئىيۇلدا رۇسىيە چېكىنگەن قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى بولىدۇ.

ئىككى رەھبەر كېلىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئۇچرىشىشىتا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، سودا، ئىقتىساد ۋە ساياھەت قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىنتەبىردە ئىككى خەلقئارالىق رەھبەرلەر يىغىنىدا تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئەردوغان 9- ۋە 10-سېنتەبىر كۈنلىرى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىغا بېرىپ، گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئەردوغاننىڭ «بىر دۇنيا، بىر ئائىلە، بىر كەلگۈسى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەرلەر يىغىنىدا يەر شارى سودىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق تېمىلاردا  توختىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 17-سېنتەبىردىن 21-سېنتەبىرگىچە ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 78-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئەردوغاننىڭ ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدىكى  نۇتۇقىدا، ئاساسلىقى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، سۈرىيە، پەلەستىن ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش، پانانھلانغۇچىلار مەسىلىسى، ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش تېمىلىرىغا  ئالاھىدە ئورۇن بېرىشى تەخمىن قىلىنماقتا.  

ئەردوغان يەنە گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ۋە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى دائىرىسىدە نۇرغۇن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر