تۈركىيە «قۇش زۇكىمىدىن پۈتۈنلەي خالىي رايون» دەپ بېكىتىلدى

دۇنيا ھايۋاناتلار سالامەتلىك تەشكىلاتى (WOAH) تۈركىيەنى «قۇش زۇكىمىدىن پۈتۈنلەي خالىي رايون» دەپ بېكىتتى.

2032280
تۈركىيە «قۇش زۇكىمىدىن پۈتۈنلەي خالىي رايون» دەپ بېكىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يېمەكلىكلەرنى كونترول قىلىش ئىدارىسى ئېلىپ بارغان ئۈنۈملۈك كۈرەش نەتىجىسىدە ئافيونكاراھىسار ۋە دېنىزلىدىكى كېسەللىك مەنبەلىرى يوقۇتۇلغان.

مىنىستىرلىق كېسەللىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دۇنيا ھايۋاناتلار سالامەتلىك تەشكىلاتى (WOAH) غا دوكلات قىلغان. تەشكىلاتمۇ تەتقىقاتتىن كېيىن، پۈتكۈل تۈركىيەنى «پاكىز رايون» دەپ بېكىتكەن. 81 ۋىلايەتنىڭ قۇش زۇكىمى قاتارلىق كېسەللىكلەردىن خالى ئىكەنلىكىگە دائىر بايانات تەشكىلات (WOAH) نىڭ  ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان.

تۈركىيە يانۋاردا ئافيونكاراھىسار ۋە فېۋرالدا دېنىزلىدا يۈز بەرگەن قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن  «كېسەللىكتىن پاك رايون» ئۇنۋانىنى يوقۇتۇپقويغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر