ۋاندا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ۋان ۋىلايىتىنىڭ ئۆزالپ ناھىيەسى يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايانىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ۋان ۋىلايىتىنىڭ ئۆزالپ ناھىيەسى يېزىلىرىدا ساقچى ئىدارىسى ئىستىخبارات باشقارمىسىنىڭ ئاخبارات خىزمىتى ئىشلىشى نەتىجىسىدە، ۋان ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم بىخەتەرلىك كورپۇسى قوماندانلىق ئىشتابى، ۋان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە «شېھىت لېيتېنانت ھارۇن پارلاق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىلغان.
قوراللىق ساقچى قىسىم قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترەتلىرى ۋە ساقچى ئالاھىدە ئەترەتلىرى ئىشتىراك قىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى.
خاقان فىدان ئامېرىكادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھەمەد ئەل تانى بىلەن كۆرۈشتى.