سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2030510
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«قەھرىمان قىسىملىرىمىز تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرماقتا. ‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»