ئەلىيېۋ تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گۈراكنى قوبۇل قىلدى

ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ باكۇدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك مەتىن گۈراكنى قبوۇل قىلدى.

2030027
ئەلىيېۋ تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گۈراكنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن گېنېرال مەتىن گۈراكنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاش ھەربىي ساھەدىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بايانتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا، بۇ زىيارەتنىڭ ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقى قارىشى تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن.

ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ھەربىي ئورگانلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان ئۇچرىشىشتا يەنە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 2- قاراباغ ئۇرۇشىدا نامايان قىلغان يۇقىرى كەسپىيلىكى ۋە قەھرىمانلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر