تۈركىيە رەھبەرلىرى قىبرىستىكى جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز قبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ لىماسول شەھىرىدە جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2029719
تۈركىيە رەھبەرلىرى قىبرىستىكى جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ömer çelik.jpg

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «جامەگە ئوت قويۇپ بېرىش كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، پىكىر ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئوچۇق- ئاشكارا ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئوت قويۇش ھەرىكىتى بىلەن خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى، تىنچلىقى ۋە ئورتاق ئىنسانىي قىممەت قارىشى ھۇجۇم نىشانى قىلىندى» دېدى.

جەۋدەت يىلماز قبرىس رۇم ھاكىمىيىتىدىكى بۇ قەبىھ ھەرىكەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپادا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس قىممەت قاراشلىرىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا يەنە بىر يېڭىسىنى قوشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «لىماسولدىكى كوپرۇلۇ ھاجى ئىبراھىم ئاغا جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ھەمدە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويمىغان ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. قبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى كېرەكلىك شەكىلدە جازاغا تارتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر