ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 14 – ئاۋغۇستتىن 21 – ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1517 ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى.

2028453
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا ھاۋا يوللىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە بولغان ياۋروپا ئاۋىياتسىيە دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

دوكلاتقا قارىغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 14 – ئاۋغۇستتىن 21 – ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1517 ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولغان.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن قالسا ئامىستېردام ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1368 ئۇچۇش بىلەن ئىككىنچى، پارىژ چارلېز دېگول ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1338 ئۇچۇش بىلەن ئۈچىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر