ئەردوغان: تۈركىيە رۇسىيەنىڭ قىرىمنى بېسىۋېلىشىنى قوبۇل قىلغىنى يوق

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ قىرىمنى بېسىۋېلىشىنى تۇنجى كۈندىن باشلاپلا قوبۇل قىلماي، بۇنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2028484
ئەردوغان: تۈركىيە رۇسىيەنىڭ قىرىمنى بېسىۋېلىشىنى قوبۇل قىلغىنى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئۆتكۈزۈلگەن 3 – نۆۋەتلىك قىرىم مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىغا يوللىغان سىنلىق باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ بايراق كۈنى ۋە مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى، ھەمدە قىرىم داۋاسىنى تىنچ يوللار بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللاش ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ مۇنبەرنىڭ قىرىم مەسىلىسىدە بەرمەكچى بولغان سىگناللارغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە رۇسىيەنىڭ قىرىمنى بېسىۋېلىشىنى تۇنجى كۈندىن باشلاپلا قوبۇل قىلماستىن، بۇنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىزچىل تۈردە ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. بىز يەنە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەيدانىمىزنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىر خەلقئارالىق سەھنىدە قىرىمنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مەڭگۈ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. قىرىمنىڭ يەرلىك خەلقلىرىدىن بولغان قىرىم تاتار تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرىدۇر.»

ئەردوغان تۇتقۇندىكى قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نەرىمان جەلال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىمدەك، ئۇرۇشنىڭ غەلىبە  قىلغۇچىسى بولمىغىنىدەك، تىنچلىقنىڭمۇ مەغلۇبىيەتچىسى بولمايدۇ. مانا مۇشۇ ئاڭنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئادىل ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئاساسىدا ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز. بۇ جەرياندا بارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېقىۋاتقان قاننىڭ توختىشى، ھېچبولمىغاندا تەرەپلەرنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ باسقۇچتا جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان ۋە قارادېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر