دانىيە ئەلچىخانىسى مەسلىھەتچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، دانىيە ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى يەنە بىر قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

2028450
دانىيە ئەلچىخانىسى مەسلىھەتچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ كوپېنھاگېن ئەلچىخانىسى ۋە بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، دانىيەنىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى تۆتىنچى قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان.

دانىيە ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى 18-ئاۋغۇست، 21-ئاۋغۇست ۋە 22-ئاۋغۇست (2023) كۈنلىرىمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر