فاھرەتتىن كوجا: كوۋىد-19 نىڭ يېڭى ۋارىيانتى تۈركىيەدە كۆرۈلمىدى

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا كوۋىد-19 نىڭ يېڭى ۋارىيانتىنىڭ ھازىرغىچە تۈركىيەدە كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

2028321
فاھرەتتىن كوجا: كوۋىد-19 نىڭ يېڭى ۋارىيانتى تۈركىيەدە كۆرۈلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى كوجا كىرشەھىردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى كارانتىنا چەكلىمىلىرى يولغا قويۇلغان مەزگىللەرنى قايتىدىن يولغا قويىدىغان ئىش يوق، زۇكامغا قارشى قانداق كۈرەش قىلغان بولساق، يەنە  شۇنداق بولىدۇ» دېدى.

فاھرەتتىن كوجا يەنە مۇنداق دېدى:

«ۋىرۇسنىڭ بۇ ئۆزگىرىشچان دەۋرىدە تەسىرى كۈندىن-كۈنگە ئازىيىۋاتقان بىر ۋاىيانت دەۋرىنى كۆرمەكتىمىز. دوختۇرخانىدا يېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرىدىغان ھېچقانداق ئەھۋال يوق. پۇقرالىرىمىز خاتىرجەم بولسۇن، ئەنسىرىمىسۇن. ئومۇمىي قوغداش تەدبىرلىرىمىز زۇكامغا قارىتا قانداق بولغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدىمۇ يەنە شۇنداق بولىدۇ. بولۇپمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلىرىمىز ئادەم توپلاشقان مۇھىتتىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك. ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پۇقرالىرىمىزدىن ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن غەيرەت قىلىشى، ھەر دائىم  بىز قىلىدىغان نورمال ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر