چانكىرىدا 8 مىليون 500 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە تاش قاتمىلار تېپىلدى

چانكىرىدا ئىيۇلدا باشلانغان ۋە قېزىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان چوراقيەرلەر ئومۇرتقىلىق ھايۋانات تاش قاتمىسى رايونىدا، ھازىرغىچە تەخمىنەن 8 مىليون 500 مىڭ يىل ئىلگىرىگە تەۋە 100 ئەتراپىدا تاشقا ئايلانغان ھايۋانات قاتمىسى تېپىلدى.

2026731
چانكىرىدا 8 مىليون 500 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە تاش قاتمىلار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: چوراقيەرلەر ئومۇرتقىلىق ھايۋانات تاش قاتمىسى رايونىدىكى قىزىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئەنقەرە ئۇنۋېرسىتىتى تىل، تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئىنسانشۇناسلىق بۆلۈمى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئايلا سەۋىم ئەرولنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋاملاشماقتا.

چوراقيەرلەردىكى قىزىپ تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە بۈگۈنگە قەدەر، 8 مىليون 590 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە نۇرغۇن جانلىقلارنىڭ تاش قاتمىسى تېپىلدى.

بۇ يىل 10- ئىيۇلدا باشلانغان قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، <ھىپپارىيون> دەپ ئىسىم بېرىلگەن ئات تۈرىگە تەۋە ياش كەركىداننىڭ باش سۆڭىكى، بۈگۈنكى پىللارنىڭ ئەجدادلىرىغا تەۋە تاشقا ئايلانغان قاتمىلار، مۈڭگۈزلۈك كالىلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قاتمىلىرى، زىراپىلەرنىڭ ئەجدادلىرىغا تەۋە تاش قاتمىلار ۋە ياۋا ئۆچكىگە ئوخشايدىغان تاش قاتمىلار تېپىلدى.

قېزىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى سىنتەبىرنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىگىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر