ئەردوغان 14 - نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئىز قالدۇرۇۋاتقان، نۇرغۇن ھالقىلىق مەسىلىلەرگە ئارىلىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان ۋە پوزىتسىيەسى يېقىندىن كۆزىتىلىدىغان ئويۇن تەشكىللىگۈچى دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

2022035
ئەردوغان 14 - نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «14- نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنى» ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئىز قالدۇرۇۋاتقان ۋە پوزىتسىيەسى يېقىندىن كۆزىتىلىدىغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە ئويۇن تەشكىللىگۈچى دۆلەتكە ئايلاندى» دېدى.

قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان: «مەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئورتاق نۇقتىغا كېلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چېگرا ھالقىغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇساپىرلارنىڭ ئىززەت – ئابرۇيى ساقلانغان ھالدا بىخەتەر قايتىپ كېتىشلىرىنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەردوغان ياۋروپادىكى ئىغۋاگەرچىلىكلەر توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز ئىسلام دۈشمەنلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بىز كۈندىن- كۈنگە بىپەرۋالىشىۋاتقان بۇ ياۋايىلققا ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەتكە ئايلاندۇق. بىز دوستانە ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز. جىنايەتچىلەرنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر