مىنىستىر يەرلىكايا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان يوقىتىلغان تېررورچىلار سانىنى ئېلان قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا يېقىنقى 60 كۈندە 172 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2020618
مىنىستىر يەرلىكايا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان يوقىتىلغان تېررورچىلار سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئەلى يەرلىكايا مانىسىادا ئېچىلغان بىر يىغىندا تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى توغرىسىدا توختالدى؛ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر يەرلىكايا، ئىچكى ئىشلا مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقىنىغا 62 كۈن بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «يېقىنقى 60 كۈندە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (پ ك ك)، فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى)، دائېش ۋە ئاشقۇن سول قانات تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، جەمئىي 29032 قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردۇق. بۇ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 172 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، 540 نەپىرى قولغا چۈشۈرۈلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر