ھاقان فىدان دانىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان دانىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئىزچىللىقا ئىگە بولغان قۇرئان كەرىمگە قارشى رەزىل ھۇجۇملارنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى.

2017693
ھاقان فىدان دانىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ھاقان فىدان دانىيەلىك مەنسەپدىشى لارس لوككې راسمۇسسېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

مىنىستىر ھاقان فىدان سۆھبەتتە دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە ئىزچىللىقا ئىگە بولغان رەزىل ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ياۋروپادا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ  كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «پىكىر ئەركىنلىكى نامىدا بۇنداق پەسكەش ھەرىكەتلەرگە يول قويۇشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

مىنىستىر ھاقان فىدان يەنە، دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال تەدبىر قوللىنىپ بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر