ئەل مونىتور تورى: تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى خىتاي ۋە ئىراننىڭكىدىن كۆپ ئىلغار

تۈركىيە قوراللىق ۋە قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇتۇقلىرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2016025
ئەل مونىتور تورى: تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى خىتاي ۋە ئىراننىڭكىدىن كۆپ ئىلغار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان تۈركىيە قوراللىق ۋە قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئۇرۇشتا ۋە تىنچلىقتا ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ ئاساسلىق تۈرى بولغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار، بۇ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ قورال تۈرىگە كىرگۈزۈلدى.

مەركىزىي ئامېرىكاغا جايلاشقان ئىنتېرنېت خەۋەر تورى «ئەل مونىتور» (Al Monitor)  بۇ ھەقتە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر ئانالىز خەۋەر ئېلان قىلدى.

ئەل مونىتور «نېمە ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئۇكرائىنادىن لىۋىيەگىچە شۇنچە كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدىدى.

خەۋەردە، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئۇكرائىنا، قاراباغ، لىۋىيە، سۈرىيە، ئىراق، ئېفىيوپىيە ۋە سومالى قاتارلىقدۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇش رايونلىرىدا ئىشلىتىلىگەنلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىلدى.

تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇرۇشتا ۋە توقۇنۇشلاردا غەلىبىسىنى تولۇق ئىسپاتلىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئانالىزدا، سەئۇدى ئەرەبىستانغا سېتىلغاندىن كېيىن، پارس قولتۇقى رايونىدا، بۇ سىستېمىغا بولغان تەلەپنىڭ ئاشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئانالىز خەۋەردە، ئامېرىكا ۋە غەربتە ياسالغان باشقا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا قارىغاندا تېخمۇ ئەرزان ئىكەنلىكى، تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتاي ياكى ئىراندا ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا ئوخشاش، غەربتە ياسالمىغان سىتېمىلاردىن كۆپ ئۈستۈن ۋە ئىلغار ئىكەنلىكى بىلدۈۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر