جەۋدەت يىلماز تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى تەرەققىياتىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئۈلۈشى ۋە كۈچىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2016048
جەۋدەت يىلماز تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى تەرەققىياتىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى
idef fuari.jpg
cevdet yilmaz idef.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئىستانبۇل TÜYAP يەرمەنكە ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 16-نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى «IDEF-2023» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى بازىرىدا مۇھىم ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئېكسپورت قىلغۇچى كۈچكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جەۋدەت يىلماز: «تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئۈلۈشى ۋە كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا ئېكسپورت سوممىمىز 2 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتتى. بىز بۇ ساننىڭ 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 6 مىليارد دوللارغا يېتىشىنى مۆلچەرلىمەكتىمىز» دېدى.

يىلماز خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى «IDEF-2023» دا ساناپ تۈگىتەلمىگىدەك دەرىجىدە مۇداپىئە سانائىتى لايىھەلىرىنى كۆرۈپ پەخىرلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 650 شىركەت بىلەن يەرمەنكىدە ئورۇن ئالغان خۇسۇسىي ساھەنىڭ يېڭى تېخنىكا تەشەببۇسلىرى بىلەن دۇنياغا ئۈلگە بولىدىغان لەيىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى «IDEF-2023» دە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرەلەر، ئورنىتىلىدىغان ھەمكارلىقلار ۋە ئىمزالىنىدىغان كېلىشىملەرنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى، رەھبەرلەر ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كېسىپ، خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر