ت ر ت 12 پۇنتو ئاخىرلاشتى

كىنوچىلىق كەسپىگە يېڭى نەپەس ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بۇ يىل (2023) بەشىنچى قېتىم ت ر ت (TRT) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ت ر ت 12 پۇنتو» (TRT 12 Punto)، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشتى.

2015442
ت ر ت 12 پۇنتو ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى «ت ر ت 12 پۇنتو» نىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ: «تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كىنوغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگىنىمىزدە، بىز تۈركىيەدىكى كىنوچىلىق كەسىپنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىمىزنىڭ، كىنوخانا زاللىرىنى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىملىرىمىز بىلەن تولدۇرۇپ، بېلەت كىرىمى رېكورتى ياراتقانلىقىمىزنىڭ خۇشاللىقىنى ياشىماقتىمىز» دېدى.

بۇ يىل (2023) 16-23-ئىيۇل ئارىلىقىدا 22 ئوخشىمىغان دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۈچ سۇپىدا ئۆتكۈزۈلگەن سېنارىيە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىپ فىلىم ئىشلەش سۇپىسى بولغان «ت ر ت 12 پۇنتو»،  مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشتى.

«2-ت ر ت» قانىلىدىن بىۋاستە تارقىتىلغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا، ت ر ت باش مۇدىرى  مەھمەت زاھىد سوباجىدىن باشقا، تۈرك دۇنياسى ۋە دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىدىكى مۇھىم كىشىلەر قاتناشتى.

ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى 12 پۇنتودا ياشلارنىڭ تۈركىيە ۋە دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى داڭلىق شەخسلەر بىلەن تونۇشالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 12 پۇنتونىڭ كىنوچىلىققا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنى ۋە بۇ جەرياندىكى بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئورتاق فىلىم ئىشلەشنىڭ موللىقىدىن ئوزۇقلىنىدىغان، ئەڭ مۇھىمى ئۆزگىچىلىكى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن سۇپا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز 12 پۇنتودا دۆلەت ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە مەدەنىيەت ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىمىز. ياشلار ۋە يېڭى ئىدىيەلەر ئۈچۈن تۈركىيە ۋە دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى داڭلىق كىشىلەرنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئېرىشىشتە قولايلىق يارىتىمىز. بۇ ساھەگە يېڭى كىشىلەر ۋە ئەڭ ياخشى ئەسەرلەرنى ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، يەنى كىنوچىلىقنىڭ كەلگۈسىنى بېيىتىمىز، ئوخشاش ئەندىزە بولماستىن، كۆپ خىللىق ھۆكۈمران بولغان مۇھىتقا تۆھپە قوشىمىز.»

ئۇ بۇ يىل 12 پۇنتوغا يېڭى ئۆلچەملەرنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ يېڭى مۇساپەنىڭ تۈرتكىسىدە، سۈرەتكە ئېلىنىپ، تەھرىرلەش باسقۇچىغا كىرگەن ت ر ت ھەمكارلىقىدىكى تۆت فىلىم، كاننېس، ۋېنىتسىيە، ساندانس، لوكارنو ۋە روتتېردام فىلىم فېستىۋاللىرى بىلەن تونۇشتى. فىلىملىرىمىزنىڭ 20 مىنۇتلۇق قىسىملىرى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئالدىمىزدىكى يىللاردا چوڭ فېستىۋاللاردا بۇ فىلىملەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يىل 12 پۇنتوغا 100 دىن ئارتۇق ئۇزۇن فىلىم ۋە 400 گە يېقىن قىسقا فىلىم ئىلتىماسى سۇنۇلدى. ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق قاتناشقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىمىز، كىنوچىلىق خىزمىتىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن» دېدى.

«ت ر ت نىڭ ھەمكارلىقىدا ئىشلەنگەن فىلىملەر يېقىنقى ئۈچ يىلدا قاتناشقان فېستىۋاللاردا 236 مۇكاپاتقا ئېرىشتى»

سوباجى تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ئورگىنى بولۇش سۈپىتىدە، كىنوچىلىققا ئەھمىيەت بەرگەنلىكلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىز تۈركىيەدىكى كىنوچىلىق كەسىپنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىمىزنىڭ، كىنوخانا زاللىرىنى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىملىرىمىز بىلەن تولدۇرۇپ، بېلەت كىرىمى رېكورتى ياراتقانلىقىمىزنىڭ خۇشاللىقىنى ياشىماقتىمىز. مىللىي ۋە خەلقئارالىق بايراملاردا بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا. ت ر ت نىڭ ھەمكارلىقىدا ئىشلەنگەن فىلىملەر يېقىنقى ئۈچ يىلدا قاتناشقان فېستىۋاللاردا 236 مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ت ر ت ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن نادىر فىلىملەرنىڭ فېستىۋاللاردا ۋە كىنوخانىلاردا قويۇلغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەنكى تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك سۇپىسى <تەبىئىي> ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مەزكۇر سۇپا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئىككى ئاي بولغان بولسىمۇ، 2 مىليون كىشىلىك چوڭ ئائىلىگە ئايلاندى. بىز كىنوچىلىقنىڭ ھەر ساھە لىرى ۋە سەھنىلىرىدىكى تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملىق ئاشۇرىمىز.»

ئۇ بۇ يىل بالقان رايونىدىن ئىنتايىن مۇھىم مېھمانلارنى كۈتۈۋالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «سېربىيە، كىرودىيە، قاراتاغ ۋە سلوۋېنىيە كىنو مەركەزلىرىنىڭ باشلىقلىرى ھەم بىزنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ تۈرلىرىمىز بىلەن تونۇشۇش، ھەم دەئۆز دۆلەتلىرىدىكى فوند پۇرسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا تېخىمۇ كۆپ تۈركىيە-بالقان ھەمكارلىقىدا ئىشلەنگەن فىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ كۆرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

داڭلىق مۇكاپاتلار ساھىبلىرىغا تارقىتىپ بېرىلدى

دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ بەش مۇھىم كىشىسىدىن تەركىب تاپقان زاسېداتېللار، يەنى ت ر ت ئىشلىگەن «قوشنىدارچىلىق ھالى» فىلىمىنىڭ دىرېكتورى دانىس تانوۋىچ، ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پولشالىق فىلىم ئىشلىگۈچى ئېۋا پۇسچزىنسكا، سارايېۋۇ فىلىم فېستىۋالىنىڭ قۇرغۇچىسى مىرساد پۇرىۋاترا ، دوھا فىلىم ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى فاتما ئەل رېماھى ۋە بېرلىن فىلىم فېستىۋالى ياۋروپا كىنو بازىرىنىڭ دىرېكتورى دەننىس رۇھنىڭ باھالىشى نەتىجىسىدە، ئىككى تۈر ئۈچۈن «خەلقئارا ھەمكارلىق فىلىم مۇكاپاتى»، ئۈچ تۈر ئۈچۈن «ت ر ت ھەمكارلىق فىلىم مۇكاپاتى» ، ئۈچ تۈر ئۈچۈن «ت ر ت ئالدىن سېتىۋېلىش مۇكاپاتى» ۋە ئالتە تۈر ئۈچۈن «تۈر تەرەققىيات مۇكاپاتى» ئېلان قىلىندى.

مۇكاپاتلارنى ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى، مۇئاۋىن باش مۇدىر مۇھەممەد زىياد ۋارول، باھالاش ھەيئىتىدىن ئېۋا پۇسچزىنسكا، دەننىس رۇھ، دانىس تانوۋىچ، فاتما ئەل رېماھى ۋە مىرساد پۇرىۋاترا تارقىتىپ بەردى.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ت ر ت ۋە سارايېۋۇ فىلىم فېستىۋالىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىشلەنگەن ئىككى فىلىم  «سارايېۋۇ فىلىم فېستىۋالى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر