مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى ئۆزگۈر ئالپئارسلاننى ئۇجۇقتۇردى

مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى 2021 – يىلىدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ يوليورۇقىنى بەرگەن پ ك ك / ك ج ك- ي پ س نىڭ ئاتالمىش تۈركىيە مەسئۇلى ئۆزگۈر ئالپئارسلاننى ئۇجۇقتۇردى.

2014694
مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى ئۆزگۈر ئالپئارسلاننى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرروچىنىڭ 2021 – يىلىدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ يوليورۇقىنى بەرگەن پ ك ك / ك ج ك- ي پ س نىڭ ئاتالمىش تۈركىيە مەسئۇلى ئۆزگۈر ئالپئارسلان ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىر مەزگىل ئىلگىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارادا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزگۈر سورەش دەپ يالغان ئىسىم قوللىنىۋالغان پ ك ك / ك ج ك- ي پ س تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش تۈركىيە مەسئۇلى ئۆزگۈر ئالپئارسلاننى بىر تەرەپ قىلغان.

مەزكۇر تېررورچىنىڭ 2021- يىلى ئانتاليانىڭ ماناۋگات ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتى بىلەن مۇغلا، مەرسىن ۋە خاتايدىكى 150 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق ئورماننىڭ كۆيۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەرنىڭ يوليورۇقىنى بەرگەن كىشى ۋە تەشكىلاتنىڭ «ئاتەش بالىلىرى» ناملىق گۇرۇپپىسىنى قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا، تېررورچى ئالپارسلاننىڭ ئۆزى پەيدا قىلغان دالا ئوت ئاپەتلىرىنى يېقىن كۆزىتىپ تۇرغانلىقىمۇ ئاشكارىلانلانغان.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچى ئالپارسلاننىڭ، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ يېشىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدە ئىسمىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر