مىنىستىر كاچىر: قاتار ئەمىرى ئال سانى «توگگ»نى ياقتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى «توگگ»قا بولغان قىزىقىشىنىڭ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2013624
مىنىستىر كاچىر: قاتار ئەمىرى ئال سانى «توگگ»نى ياقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى زىيارىتىگە ھەمراھ بولۇۋاتقان ئۆمەكتىن ئورۇن ئالغان مىنىستىر كاچىر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا، ئەردوغاننىڭ قاتار ئەمىرى ئال سانىغا توگگ سوۋغا قىلغان كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

توگگنىڭ ئال سانىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كاچىر: «قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن جۇمھۇر رەئىسىمىز توگگنى بىرلىكتە سىناق قىلدى. ھۆرمەتلىك ئەمىرنىڭ توگگقا بولغان قىزىقىشى كۆرۈشكە ئەرزىيتتى. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن دوست دۆلەتلەرگە سوۋغا قىلىنغان توگگ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىپتىخار مەنبەسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە بارغان قاتاردا ئەمىر ئال سانى بىلەن لۇسائىل سارىيىدا ئايرىم سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشقا قاتناشقان؛ يىغىندىن ئىلگىرى، ئەردوغان ئال سانىغا كۆك رەڭلىك توگگ ئاپتوموبىلدىن بىرنى سوۋغا قىلغانىدى.

ئىككى رەھبەر لۇسايىل سارىيىنىڭ ھويلىسىدا خېلى ئۇزۇنغىچە ئاپتوموبىلنى يېقىندىن كۆرۈپ چىققان؛ ئەردوغان ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلگەن بىناغا ئال سانى ھەيدىگەن توگگ ئاپتوموبىلى بىلەن بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر