ئەردوغان: «15-ئىيۇلنىڭ ئۇنتۇلۇشىغا ۋە ئۇنتۇلدۇرىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «15-ئىيۇلنىڭ ئۇنتۇلۇشىغا ۋە ئۇنتۇلدۇرىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەردوغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ 7 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى، ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئۇسكىدار شەھەرلىك ھۆكۈمىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «تۈركىيە ئەسرىنىڭ قەھرىمانلىرى» ناملىق پروگراممىدا سۆز قىلدى.
ئەردوغان،«بىز فەتھۇللاھچى خائىنلارنىڭ ساتقۇنلىرىنى قوللىغان خىيانەتچىلەرنى ۋە ئاستىرىتتىن يار - يۆلەك بولغان كۈچلەرنى قەتئىي ئۇنتۇلمايدىغان شەكىلدە زىھنىمىزگە يازدۇق. 15-ئىيۇل ھەربىي ئىسيانىنىڭ 7 - يىللىقىدا شۇنى جاكارلايمەنكى، 7 يىل ياكى 70 يىل ئۆتكەن تەقدىردىمۇ ، 15-ئىيۇلنىڭ ئۇنتۇلۇشىغا ۋە ئۇنتۇلدۇرىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.
ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:
«(15-ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشى) مىللىتىمىزنىڭ <پەيغەمبەر ئوچىقى> دەپ قارايدىغان ئارمىيەسى بىلەن ئوتتۇرىسىنى بۇزۇشنى نىشان قىلغان ئىدى. 15-ئىيۇلنى چۈشىنەلمىگەنلەر بۇ مىللەتنىڭ چۈپرىدىلەرگە، تۈلكىلەرگە ۋە جۇنتاغا قول باغلاپ تۇرمايدىغان ئالىيجاناب مەيدانىنى چۈشىنەلمەيدۇ »