ئالتۇن: خەلق ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، 15 – ئىيۇلدا خەلقنىڭ زەربە (ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش) قوزغىماقچى بولغانلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

2011641
ئالتۇن: خەلق ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن تۈنۈگۈن HaberTRT قانىلىنىڭ 15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان «15 - ئىيۇل ئالاھىدە سۆھبەت » پىروگراممىسىغا قاتناشتى.

ئۇ 15 - ئىيۇلدىن كېيىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدە تاشلانغان قەدەملەرنىڭ ئەھمىىيىتىنى تەكىتلەپ: «بىز ئۆتكەن يەتتە يىل ئىچىدە بۇ خائىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دۆلىتىمىزنىڭ ئورگانلىرىدىن تازىلانغىنىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ۋە ئورگانلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق. نۆۋەتتە، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇپ، تۆۋەن چىقىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغان شەكىلدە داۋام قىلماقتا... ئۇ كۈنى (ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان كۈن) خەلقئارا سەھنىدىكى ھۆكۈمران كۈچلەر خائىن، پەسكەش بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت ئالماشتۇرماقچى بولدى. ئەمما، خەلق بۇ ئۇرۇنۇشقا دۆلەت رەھبىرى بىلەن بىرلىكتە ئوچۇق - ئاشكارا زەربە بەردى. زەربە (ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش) قوزغىماقچى بولغانلارغا زەربە بەردى، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلدى» دېدى.

15 - ئىيۇل خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ: «دۇنيا دېموكراتىيە تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىلدى. بۇ ۋەتەننىڭ بىر ھەقىقىي تارىخى بار، ئۇ ھەقىقىي تارىخنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقىي قەھرىمانلار قۇرغۇچى ئېلېمېنتلاردۇر. 15 - ئىيۇل مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتنىڭ، بۇ ۋەتەننىڭ تارىخىدا مۇستەسنا يەرگە، ئىنتايىن ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە» دېدى.

15 - ئىيۇل شېھىت بولغانلارنىڭ، غازى بولغانلارنىڭ، ئۇ كېچە مەيدانلارغا ئوقتەك ئېتىلىپ چىققانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈركىيە ئەسىرىنىڭ قەھرىمانلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئالتۇن، سۆزلىرىنى: «تۈركىيە ئەسىرى ئەركىن، تولۇق مۇستەقىل بىر تۈركىيەنىڭ، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن بىر تۈركىيەنىڭ نامىدۇر. تۈركىيە ئەسىرى بىر يىراقنى كۆرۈش تۈرىدۇر. تۈركىيە ئەسىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ھەقىقىي قەھرىمانلار بار. ئۇلار كىملەر دەپ قارىغىنىمىزدا، 15 - ئىيۇل خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىغا، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تۈرسىدىكى تاجاۋۇزىلىق ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرغان قەھرىمانلارنى كۆرىمىز» دەپ خۇلاسىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر