ئەردوغان 15 - ئىيۇل توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.
2011809
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئۇچۇرىدا: «15 - ئىيۇلدا دۆلىتى، مىللىتى، مۇستەقىللىقى ۋە ئىرادىسىنى قوغداۋېتىپ شېھىت بولغان قەھرىمانلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھىم - شەپقەت تىلەيمەن، غازىلىق شەرىپىگە نائىل بولغان، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلارغا يول قويمىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. 15- ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىمىز مۇبارەك بولسۇن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچۇرىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۈركىيە بايرىقىنىڭ سۈرىتى بىلەن 15- ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلار ئىشلەتكەن تانكىنى بويسۇندۇرغان پۇقرالارنىڭ سۈرىتىنمۇ ھەمبەھرىلىدى.