گالاتا مۇنارىغا تۈركىيە بايرىقى ۋە 15 - ئىيۇل شېھىتلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلدى
ئىستانبۇلدىكى گالاتا مۇنارىغا 15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە 15 – ئىيۇل شېھىتلىرىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلدى.
2011637
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل بەيئوغلۇ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتتە، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇستەقىللىق مارشى ئوقۇلدى.
ئارقىدىن گالاتا مۇنارىغا تۈركىيە بايرىقى ۋە 15 – ئىيۇل شېھىتلىرىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلدى؛ رايوندىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەر پائالىيەتنى قىزىقىش ئىچىدە كۆردى ۋە خاتىرە سۈرەتلىرىگە چۈشتى.