دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى 15 - ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىر ئەلى يارلىكايا قاتارلىقلار 15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

2011732
دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى 15 - ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا 15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ: «ئۇلۇغ مىللىتىمىز 15 - ئىيۇل خەلقئارا جاھانگىرلىكىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنى قولغا چۈشۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنى جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە مەغلۇپ قىلىپ، تۈركىيە ئەسىرىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچتى. قەھرىمانلارچە مەيدانلارغا چۈشۈپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت خىيانەت شايكىسىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يول قويمىغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەيمەن، قەھرىمان غازىلىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تېلېگرامما تارقىتىپ: «ۋەتىنى، بايرىقى ۋە مۇقەددەس قىممەتلىرىنى قوغداش يولىدا 15 – ئىيۇل كېچىسى خائىنلارغا قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانلارغا چۈشۈپ، جانلىرىنى پىدا قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن؛ بۇ يولدا غازى بولغان قەھرىمانلىرىغا ۋە 15 – ئىيۇل داستانىنى يازغان ئەزىز خەلقىمىزگە ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا بولسا، 15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ تۆۋەندىكلەرنى قەيت قىلدى: «15 - ئىيۇلنىڭ 7 – خاتىرە يىلىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا تۈركىيە ئەسىرىنىڭ قەھرىمانلىرى بولغان شېھىتلىرىمىزنى، غازىلىرىمىزنى ۋە قوللىرىدىكى ئاي – يۇلتۇزلۇق شانلىق بايرىقىمىز بىلەن خائىنلارنىڭ يولىنى تورىغان مىليونلارچە ۋەتەن ئەۋلادىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە خاتىرىلەيمىز.

جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىنى جاراڭلىق ھالدا قايتا تەكرارلايمىز: <سىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايسىلەر! مىللىتىمىزنى بۆلەلمەيسىلەر! بايرىقىمىزنى چۈشۈرەلمەيسىلەر! ۋەتىنىمىزنى پارچىلىيالمايسىلەر! دۆلىتىمىزنى ۋەيران قىلالمايسىلەر! ئەزانلىرىمىزنى جىمىقتۇرالمايسىلەر! بۇ دۆلەتنى تىز پۈكتۈرەلمەيسىلەر! بۇ خەلقكە بويۇنتۇرۇق سالالمايسىلەر! بىزنى مىڭ يىلدىن بۇيان مېڭىۋاتقان بۇ يولدىن توسۇپ قالالمايسىلەر! دۆلىتىمىزنى نىشانىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيسىلەر!>»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر