ئالتۇن ناتو باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدا كاتتا رەھبەرلىك روھىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

2010803
ئالتۇن ناتو باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنىيۇستا چاقىرىلغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئېيتقىنىدەك، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ناتونىڭ يالتايتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى، مەيلى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بولسۇن، مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىمىز ياكى دۆلىتىمىزگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىدىكى يېڭى باشلىنىشلار جەھەتتە بولسۇن، يېڭى قارارلارنىڭ چىقىرىلىشىغا ۋاسىتە بولۇشىدۇر. بىز جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە تاشلىغان قەدەملىرىمىز ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىلەرنى — ئىنشائاللاھ — تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، بارلىق سەھنىلەردە دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتى، خەلقىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر