ئەردوغان ۋىلنيۇستا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم -ئايرىم كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسپانىيە، گوللاندىيە ۋە گىرېتسىيە باش مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى.

2010381
ئەردوغان ۋىلنيۇستا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم -ئايرىم كۆرۈشتى
sanchez ve erdogan.jpg
nato zirve.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز ، گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې ۋە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس بىلەن كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ <LITEXPO> كۆرگەزمە ۋە يەرمەنكە مەركىزىدىكى ئۇچرىشىشى، ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىمۇ داۋاملاشتى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ قاتناشقان ئۇچرىشىشلارغا، ئەردوغانغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى، باش ئەلچى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ھەمراھ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر