پ ك ك تېررورچىسى زافەر ئاقگۈن ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە قارشى سادىر قىلىغان نۇرغۇن ھۇجۇملارغا قاتناشقان پ ك ك تېررورچىسى زافەر ئاقگۈننى ئۇجۇقتۇردى.

2008679
پ ك ك تېررورچىسى زافەر ئاقگۈن ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئىراقنىڭ شىمالىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر توپ تېررورچىلارنىڭ بايقالغانلىقىنى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رايونغا ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى يوقاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ ئارىسىدا ئىراقنىڭ شىمالىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيە ئارمىيەسىگە قارشى سادىر قىلىنغان نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قاتناشقان زانا گوۋەند كود ئىسىملىك زافەر ئاقگۈننىڭمۇ بارلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر