«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى شىۋېيتسىيەدە پائالىيەتلىرىنى توختاتمىسا قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى شىۋېيتسىيەدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى توختاتمىسا قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

2008181
«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى شىۋېيتسىيەدە پائالىيەتلىرىنى توختاتمىسا قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈنۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى قارارگاھىدا چاقىرىلغان  تۈركىيە – فىنلاندىيە – شىۋېيتسىيە بىرلەشمە مېخانىزم يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىر فىدان يىغىندا تەرەپلەرنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېيتسىيەنىڭ بولۇپمۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە مادرىدتا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىم لايىھەسى ئاساسىدا تاشلاۋاتقان قەدەملىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشى تولىمۇ زۆرۈر.»

«شىۋېيتسىيە قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىدە قەدەم تاشلىدى، ئەمما بۇ قەدەملەر ئەمەلىيەتتە ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى كېرەك. ئۈچ تەرەپ كېلىشىم لايىھەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىنىشى شەرت.»

دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن، ئەزا بولغۇسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەگە ھەربىي ئەشيا ئېكىسپورت قىلىشتىكى ئېمبارگولار ۋە چەكلىمىلەرگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىۋېيتسىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بۇلارغا چېتىشلىق گۇماشتىلار شىۋېيتسىيە كوچىلىرىدا نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، تەشكىلاتلىرىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلالىسا، ئىقتىسادىي مەنبەلەرگە ئېرىشەلىسە، ئۇنداقتا قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.»

«يەنە بىر تەرەپتىن، قۇربان ھېيتىمىزنىڭ بىرىنچى كۈنى مىلياردلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمگە شەرمەندىلەرچە ھۇجۇم قىلىنىشىغا يول قويۇلۇشى قەتئىي سەل قارىشىمىزغا بولمايدىغان ئەھۋالدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىشمۇ ئەمەس. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشىغا يارايدىغان ھەرىكەتلەرگە رۇخسەت قىلغان بىر دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە قانداق تۆھپە قوشىدىغانلىقى مەسىلىسى تالاش - تارتىش پەيدا قىلماقتا.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شىۋېيتسىيەنىڭ ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالارنى ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «شىۋېيتسىيەنىڭ <ۋاقىت بېسىمى> نى كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىنى قوبۇل قىلمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر