ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى توققۇز كۈنلۈك قۇربان ھېيت مەزگىلىدە رېكورت ياراتتى

تۈركىيەنىڭ دۇنياغا ئېچىلغان دەرۋازىسى ھېسابلىنىدىغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى توققۇز كۈنلۈك قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە كۈتۈۋالغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى ۋە يولۇچىلار سانى بىلەن رېكورت ياراتتى.

2006503
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى توققۇز كۈنلۈك قۇربان ھېيت مەزگىلىدە رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ باشقۇرغۇچىسى <IGA> شىركىتىنىڭ باياناتىدا، 2-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى 1642 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 265 مىڭ 961 يولۇچىنىڭ ئايرودۇرۇمغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ سانلار ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ئېچىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى يولۇچى ۋە نۆۋەنچى ئايروپىلان سانى بولۇپ، «كۈندىلىك يولۇچىلار سانى» رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى روزا ھېيتنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان 23- ئاپرېلدىمۇ كۈندىلىك 1548 نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە 244 مىڭ 709 يولۇچى بىلەن، بۇ يىل (2023) نىڭ تۇنجى رېكورتنى ياراتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر