تۈركىيە شىۋېيتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قۇتراتقۇلۇقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شىۋېيتسىيەدە يۈز بەرگەن قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قۇتراتقۇلۇقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

2005152
تۈركىيە شىۋېيتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قۇتراتقۇلۇقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
ömer çelik.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىۋېيتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قۇتراتقۇلۇقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شىۋېيتسىيەدىكى مۇبارەك قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشتەك پەسكەشلەرچە قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. ئىسلام دىنىغا قارشى سادىر قىلىنىۋاتقان بۇنداق قىلمىشلارغا پىكىر ئەركىنلىكى باھانىسى بىلەن رۇخسەت قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. دەرۋەقە بۇنداق قەبىھ قىلمىشلارغا كۆز يۇمۇش جىنايەتكە شېرىك بولۇش ھېسابلىنىدۇ.»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «شىۋېيتسىيە دائىرىلىرىنىڭ قۇربان ھېيت كۈنى بىر جامەنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى  كۆيدۈرۈش ئىلتىماسىنى تەستىقلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. شىۋېيتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىنى ھېمايە قىلىش مەيدانىنى لەنەتلەيمىز. ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدەك، قۇرئان كەرىمگە قارشى قىلىنغان   ھەر بىر ھۆرمەتسىزلىك ئىنسانىيەتكە قىلىنغان جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق لەنىتى قىلمىشلارغا قارشى سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن كۈرەش قىلىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئەسلى ئىراقلىق سالۋان مومىكا شىۋېيتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىكى ستوكھولم جامەسىنىڭ ئالدىدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر