تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە – كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2003904
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە پەنچە – كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.