رۇسىيەلىك ژۇرنالىست: ئەردوغاننىڭ رولى تۈركىيەدىلا ئەمەس، دۇنيادىمۇ ئىنتايىن مۇھىم

رۇسىيەلىك ژۇرنالىست ۋە TASS خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مىخايىل گۇسمان دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدى.

2001802
رۇسىيەلىك ژۇرنالىست: ئەردوغاننىڭ رولى تۈركىيەدىلا ئەمەس، دۇنيادىمۇ ئىنتايىن مۇھىم
Mihail Gusman-Erdogan belgesel1.jpg
Mihail Gusman-Erdogan belgesel.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەلىك ژۇرنالىست گۇسمان TASS خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە Rossiya-24 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ھەمكارلىقىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا، تۈركىيەنىڭ موسكۋا ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزدى.

ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا، رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر گرۇشكو، تۈركىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەھمەت سامسار، TASS خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ باش دېرىكتورى سېرگېي مىخايلوۋ، چەت ئەللەرنىڭ دىپلوماتىك ۋەكىللىرى ۋە ژۇرنالىستلار قاتناشتى.

ئىلگىرى ئۇدا تۆت قېتىم ئەردوغان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن رۇسىيەلىك ژۇرنالىست گۇسمان «ھاكىمىيەتنىڭ فورمۇلاسى» پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمىدە، ئەردوغاننىڭ بالىلىق دەۋرىدىن بۇيانقى ھاياتى، سىياسەتتە قەد كۆتۈرۈشى، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان خەلقى ھەم دۆلىتى ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرى، ژۇرنالىستنىڭ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئالدىنقى سۆھبەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

ھۆججەتلىك فىلىمدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېقىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە  رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغان «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش مۇمكىن» ناملىق كىتابىدىنمۇ مۇھىم بايانلارغا ئورۇن بېرىلىپ، ئەردوغاننىڭ كۆز قاراشلىرى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

گۇسمان ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمدىن كېيىن، سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىسلىسىز سىياسىيوندۇر. تۈركىيە مانا مۇشۇنداق بىر رەھبەرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى تەلەيلىك بىر دۆلەت. جۈملىدىن، ئەردوغان پەقەت مىسلىسىز بىر سىياسىيون بولۇپلا قالماستىن، يەنە مىسلىسىز بىر شەخس، جەزبىدار رەھبەر. شۇنداقلا ئىنتايىن يۇقىرى مەلۇماتلىق، ئىستىراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە سىياسىي ئانالىزچى. زامانىۋى دۇنيانى تولۇق چۈشىنەلەيدىغان مىسلىسىز تالانت ساھىبى. بۈگۈنكى كۈندە رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەردوغاننىڭ رولى تۈركىيەدىلا ئەمەس، دۇنيادىمۇ ئىنتايىن مۇھىم».

بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ يېقىنقى ئىككى كۈندە رۇسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئىككى قېتىم كۆرسىتىلگەنلىكىنى، مىليونلىغان كىشىنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گۇسمان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەردوغاننى رۇسىيەلىك كۆرۈرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇش تولىمۇ مۇھىم. تولىمۇ ئەپسۇسكى، تۈركىيە ۋە رۇسىيەدە كىشىلەر دۇنيا رەھبەرلىرىنى تولۇق بىلمەيدۇ، ھەتتا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىمۇ ياخشى بىلمەيدۇ. تۈركىيە بىزنىڭ قوشنىمىز، شۇنداقلا ئۇزۇن يىللىق ھەمراھىمىزدۇر. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. شۇ ۋەجىدىن، ئۇنى تولۇق تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق سۈرەتلەپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم.»

گۇسمان ئەگەر مۇمكىن بولسا ئەردوغان بىلەن 5 – قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە تۈركىيە خەلقىگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىزھار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر