جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز شەرقىي ئاقدېڭىز ھەققىدە توختىلىپ: «بىز تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاداققىچە قوغدايمىز» دېدى.

2001372
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز تۇنجى چەت ئەل زىيارىتى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن باشلىدى. ئۇ لەفكوشادا بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىلەشلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز يېقىندا ئىنتايىن ئىستراتېگىيەلىك بىر ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز كېيىنكى مەزگىلدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا زور كۈچ چىقىرىمىز. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدا كۆزەتكۈچى ئەزا بولۇشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇنىڭ مۇھىم بەلگىسى. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى تۈرك خەلقى ھەر قانداق شەكىلدە ئاز سانلىق مىللەت قاتارىغا ئىتتىرىلسە، شۇنداقلا باشقىلاردىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈلسە بولمايدۇ. باراۋەر ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھالدا ئارالدىكى ئورنىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىز بارلىق مۇنبەرلەردە  ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى توغرا مەيدانىمىزنى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى داۋاملىق قوغدايمىز.»

ئۇ شەرقىي ئاقدېڭىز ئۈستىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:

«شەرقىي ئاقدېڭىز ئىنتايىن مۇھىم جۇغراپىيەلىك جاي، بۇ يەردە ئىقتىساد بار. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭمۇ مەنپەئەتى بار. بىر مەزگىل تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى بۇ تەڭلىمىدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. ئەمما، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈچى، بۇ يەردىكى ئويۇنلارنى يوققا چىقاردى، لىۋىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ئەڭ مۇھىم كېلىشىم ئىدى. بۇ كېلىشىم بىلەن بارلىق ئويۇنلار يوققا چىقتى. ھازىر يېڭى تەڭلىمە شەكىللەندى. بىز تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئاداققىچە قوغدايمىز، بۇ يەردە كەينىگە چېكىنىش دەيدىغان گەپ يوق. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، بىز <بۇ بىر ئورتاق رايون، شۇڭا بۇ ئورتاق رايوندىن ئورتاق مەنپەئەتكە ماس ھالدا پايدىلىنايلى> دەپ چاقىرىق قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ لەفكوشادىكى ئەرجان ئايرودۇرۇمى بىناسى قۇرۇلۇشىنىڭ 20-ئىيۇلغىچە ئاخىرلىشىپ-ئاخىرلاشمايدىغانلىقى سوئالىغا، «ئاخىرلىشىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىزنى كۆرسىتىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر