دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاتىلار بايرىمىنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاتىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان تۈركىيە قوراللىق قىسىم خادىملىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سىننى ھەمبەھىرلىدى.

2001206
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاتىلار بايرىمىنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا ھەمبەھىرلەنگەن سىندا، «ۋەتەننىڭ ئىپپەت، مىللەتنىڭ جان، بايراقنىڭ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ يولدا جېنىغا پىسەنت قىلمىغان شېھىت ۋە غازىلىرىمىزنىڭ ئاتىلىرى بىلەن بىرگە، بارلىق ئاتىلارنىڭ ئاتىلار بايرىمى مۇبارەك بولسۇن» دېيىلدى.

بۇ يازمىغا كىرگۈزۈلگەن سىنئالغۇدا، دۆلەت ئىچى ۋە چېگرا سىرتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قوراللىق قىسىم خادىملىرىنىڭ ئاتىلار بايرىمىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر