ئەردوغان 2028 -يىلىدا ئېكسپورت سوممىسىنى 400 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقننى ئېيتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىنى 265 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ 30-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئېكسپورت چېمپىيونلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ پاسسىپ بولۇشىغا قارىماي، ئېكسپورتىمىزنى بۇ يىل ئاخىرىدا 265 مىليارد دوللارغا، كېلەر يىلى 285 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى خالايمىز. (ئېكسپورت نىشانىمىزنى) 2028-يىلدا 400 مىليارد دوللار ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىغا چىقىرىشنى نىشان قىلىمىز» دېدى.
ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:
«تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 21 يىلدا تاشقى سىياسەتتە تاشلىغان قەدەملىرىمۇ ئېكسپورتىمىزغا كۆپەيتىش خاراكتېرلىق تەسىر كۆرسەتتى. ئافرىقىدىكى ئەلچىخانىلىرىمىزنىڭ سانى 12 دىن 44 كە ئۆرلىدى، سودا ئومۇمىي سوممىمىز 4 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن 40 مىليارد دوللارغا يەتتى. لاتىن ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىلىرىمىزنىڭ سانى 6 دىن 18 گە چىقتى. سودا ئومۇمىي سوممىمىز 800 مىليون دوللاردىن 17 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتتى. قايتىدىن ئاسىيا تەشەببۇسىمىزنى ئېلان قىلغان 2019-يىلدىن بۇيان ئاسىيا قىتئەسى بىلەن بولغان سودىمىز %40 ئاشتى»