ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2000713
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «قەيەردە تېررورچى بولسا، بىزنىڭ زەربە ئوبيېكتىمىز شۇ يەردۇر. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچى ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى. بىزنىڭ تېررورچىلارنى ئۇۋىسىدا تۇرغۇزۇپ ئۇجۇقتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىي» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.