مىنىستىر گۈلەر بىريۇسسېلدا بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا داۋام قىلماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ناتو باش ئىشتابىدا ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ۋە ناتوغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.
مىنىستىر گۈلەر يەنە، لىتۋا مۇداپىئە مىنىستىرى ئارىۋيداش ئانۇسائۇسكاس بىلەن كۆرۈشۈپ، رايوننىڭ مۇداپىئەسى، بىخەتەرلىكى ھەمدە ناتوغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.
مىنىستىر گۈلەر ئارقىدىن ئېستونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خەننا پېۋكۇر بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇچرىشىشتا، پېۋكۇر گۈلەرنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللېس بىلەنمۇ كۆرۈشكەن گۈلەر، ئىككى تەرەپلىك، رايونلۇق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمدە مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
ناتو مەركىزىدىكى ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىندا نۇرغۇن تېمىلار، بولۇپمۇ 2022- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ناتونىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسى قاتارلىق كۈنتەرتىپتىكى تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
بۇ ئاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن ياشار گۈلەرگە ئوخشاشلا، ئاپرېلدا ناتوغا ئەزا بولغان فىنلاندىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتىتى كەيككونېنمۇ تۇنجى قېتىم ناتو يىغىنىغا قاتناشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى يوقىتىلدى.