ئەردوغاننىڭ سايلامدىن كېيىنكى تۇنجى زىيارەت قىلىدىغان دۆلەتلىرى ئېلان قىلىندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئەنئەنىسى سۈپىتىدە جۇمھۇر رەئىس سايلىمىدىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەزەربەيجانغا قارىتىدۇ.

1997943
ئەردوغاننىڭ سايلامدىن كېيىنكى تۇنجى زىيارەت قىلىدىغان دۆلەتلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 28- مايدىكى سايلامدا قايتا سايلانغاندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم چەتئەلدە زىيارەتتە بولىدۇ؛ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ۋە باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستەل بىلەن كۆرۈشىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە تاتار بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى سۆھبەتلەر جەريانىدا، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تاشلىنىدىغان قىبرىسقا مۇناسىۋەتلىك قەەملەر ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەيشەنبە كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىپ، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىنلاردا، رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر