مىنىستىر خاقان فىدان كاسكارېلىس بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاسسىلىس كاسكارېلىس بىلەن تېلېفونلاشتى.

1996288
مىنىستىر خاقان فىدان كاسكارېلىس بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاسكارىلىسنىڭ تېلېفوندا مىنىستىر فىداننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، سۆھبەت جەريانىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خاياشى يوشىماسامۇ خاقان فىداننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما يوللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر